پاكىستان تالىبانلىرى: «خىتاي ‹باج› تاپشۇرمىسا، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلىمىز»

ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 25-كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان تالىبانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى %5 «قۇرۇلۇش بېجى» تاپشۇرمىسا، «بىر بەلۋاغ ۋە يول» تۈرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. تالىباننىڭ گەنداپۇر گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانى سىنلىق ئۇچۇردا، خىتايدىن ئەرەب دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان تاشيول ۋە تۆمۈر يول قاتارلىق 3218 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

2021-يىلى، خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە ئىشچىلىرى پاكىستاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەيدانىغا خىزمەتچىلەر توشۇغان ئاپتوبۇس پارتلاپ، 9 خىتاي ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئادەم قازا قىلغانىدى.

بۇ يىل 1-ئايدا، بالۇجىستانلىقلار خىتاي ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان گۋادار پورتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «گۋادارنىڭ ھەققىنى بەر» ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن پاكىستان ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى.

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇجىستان ئۆلكىسى مول كان بايلىقى ۋە دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تونۇلغان، ئىران ۋە ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇپ، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە دۇچ كەلگەن پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا تەھدىت دەپ قارالغان بۇ خەۋپنى يوقىتىشقا چارىسىز قالغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ئابدۇل سەيىد مۇنداق دېگەن: «تالىبانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش. يېقىندا تالىبان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھۆددىگەرلەر ۋە شىركەتلەرگە ‹باج تاپشۇرۇش› توغرۇلۇق تەھدىت سالدى».

ۋىلسون مەركىزى ئاقىللار ئامبىرى جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مايكېل كۇگېلمان «جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ قوش تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.