ئافغانىستان ۋەزىيىتى ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇپ قالدى

تالىبان كۈچلىرىنىڭ پايتەخت كابۇلنى ئىشغال قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا، بۇ مەسىلە ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم خىزمەت تېمىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىىشچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرىشىنى نۆۋەتتىكى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ سۆزنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بىلىنكېن بىلەن سۆزلەشكەندە تىلغا ئالغان. ئۇ ئالاھىدە قىلىپ «قورال كۈچى ئارقىلىق ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە تارىخ ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بولۇۋاتقان بىر رايوندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئۇرۇنۇش ئەكسىچە ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ يى ئۆز سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» تەشكىلاتىنى تېرورلۇق گۇرۇھلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر يالغان باھانە-سەۋەبنى توقۇپ چىققانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ 16-ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ئافغانىستان رەھبەرلىرى ۋە ئافغانسىتان ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق تالىبانلار بىلەن ئ‍ۇرۇش قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى.