تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ۋاڭ يىغا بىخەتەرلىك ۋەدىسى بەرگەن
2022.03.25
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى پاكىستاندىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىنى تۈگىتىپلا، 24-مارت پەيشەنبە كۈنى ئافغانىستانغا زىيارەتكە بارغان. بۇ ۋاڭ يىنىڭ تالىبانلار ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان ئافغانىستاننى تۇنجى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
France24 تورىنىڭ خەۋىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى ئابدۇلغەنى بەرادەر بىلەن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ئامىرخان مۇتتەقى ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ۋاڭ يىنى قىزغىن قارشى ئالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئىشەنچ بېرىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن تامامەن خاتىرجەم بولسا بولىدۇ» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر ھەپتە ئافغانىستان بىلەن «قوشنا دۆلەت يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، تالىبان ھۆكۈمىتىگە قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
ئابدۇلغەنى بەرادەر ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار كونكرېت تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستانغا دائىر ھەر قانداق ئەندىشىدىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تالىبانلار ئۆتكەن يىل 8-ئايدا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، «چەتئەل تېررورچى كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان زېمىنىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى مۇھىم تۈگۈن، خام ئەشيا بازىسى دەپ قارايدىكەن؛ تالىبانلارمۇ خىتاينى پاكىستان بىلەن تۇتىشىدىغان «ئىقتىساد كارىدورى» دا ئافغانىستانغىمۇ زور مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چوڭ دۆلەت، ئىقتىسادىي تايانچ دەپ قارايدىكەن.