ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن بۇ رايونغا قول تىقىشقا ئالدىراۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان زور دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىگە يېڭىدىن تەكلىپ سۇنۇپ: «ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنگەندىن كېيىن، تالىبان ھاكىمىيىتى ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا كېپىللىك قىلسا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قاتار يول قۇرۇلۇشى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تالىبان كۈچلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك قەبىلە ئاقساقىلى بۇ ئىشلارنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى تالىبانلار بىلەن بولغان ئۆتكەن ئۈچ ئايلىق سۆھبەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ «ئېنېرگىيە ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا سالماقلىق مەبلەغ سالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدا ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتماقتا ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەنە بىر ئەمەلدار ترامپ ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى باشلىغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار بىلەن ئىزچىل سۆھبەتتە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا ئافغانىستاندا يېڭىدىن «تېررورلۇق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. سىنگاپوردىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جېيمىس دورسېي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شۈبھىسىزكى، ئافغانىستان تاش ساناپ بولغۇچە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇم ساناپ بولماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ چېگراسىغا يېقىن جايلاردا باشقىچە ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلات قۇرغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تالىبانلارنىڭ ۋە ئوسامە بىن لادىن قۇرغان «ئەل-قائىدە» تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
