جەنېت يېللېن ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ «ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
2024.06.21
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن 20-ئىيۇن كۈنى ئاتلانتا شەھىرىدە پىرېزىدېنت بايدېننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش قارارىنى قوللاپ، بۇ قارارنىڭ «ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك» قارار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جەنېت يېللېننىڭ تەكىتلىشىچە، يېڭى تاموژنا بېجى «نۆۋەتتە خىتاي كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىۋاتقان ساھەلەرگە قارىتىلماقتا» ئىكەن. پىرېزىدېنت بايدېن بۇ يىل 14-ماي كۈنى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا، پولات-تۆمۈر، ئاليۇمىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرگەن. بايدېن باجنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قوشۇمچە ياردەمگە ۋە سودىدا ئادالەتسىزلىك بىلەن رىقابەت قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئېرىشمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنېت يېللېن ئاخبارات يىغىنىدا، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ يېڭى تاموژنا بېجى «توكلۇق ئاپتوموبىل، كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشىنى بېيجىڭنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېشىنچا مەھسۇلاتلاردىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى ماس قەدەملىك تۆكمە قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى «سودىدىن سىقىپ چىقىرىشى» نى رەت قىلىدىكەن. جېنېت يېللېن، نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى، G7، يەنى سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ سانائەت ۋە سودا سىياسىتىگە قارشى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان، شۇڭا بايدېن ھۆكۈمىتى سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشنى «مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ قارىماقتا ئىكەن. لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا جەنېت يېللېن سابىق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئومۇمى يۈزلۈك 10 پىرسەنت، خىتاي ماللىرىغا 60 ياكى ئۇنىڭدىمۇ كۆپ باج قويۇش پىكرىنى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە زىيانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.