خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم «تارىم ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۋۇرى» نى ئوتتۇرىغا قويغان

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 6-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 8-قېتىملىق يىغىنىدا «جەنۇبىي شىنجاڭنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر بىر قانچە سىياسىي تەدبىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان.

بۇ «بىر قانچە سىياسىي تەدبىر» دە «جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۋۇرى» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نۇقتىسىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى تۈزۈش، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئىقتىسادىنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈش» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ رايوندىكى بىڭتۇەننىڭ 1-، 2-، 3-، ۋە 14-دېۋىزىيەسى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى «جەنۇبىي شىنجاڭ» ئۇقۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ «پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى» نى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى «بىڭتۇەننى جەنۇبتا تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەنۇبنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلدىن بۇيان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى مەركەز قىلىپ سىستېمىلىق شەكىلدە ئۇيغۇرلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان تۇغماس قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازلىتىپ، ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلغانىدى.

يېقىندا قەشقەردە ئېچىلغان «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش 2023-يىللىق يىغىنى» دا ماشىڭرۈي جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنى سەككىز چوڭ ئىقتىسادىي تۈر ۋە ياۋرو-ئاسىياغا سوزۇلغان ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ تايانچ بازىسى قىلىش ھەمدە نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلغانىدى.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا بايلىق قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ بايلىقلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى، ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئەلالاشتۇرىمىز دېگەن نامدا ئۇلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، بۇ رايونغا خىتاي كۆچۈرۈشنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ رايوننى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن بەكمۇ مۇھىم، دەپ قاراۋاتقانلىقى» نى ئېيتقانىدى.