خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە قۇرغان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىسى «يېشىل ئېنېرگىيە» دەپ تەشۋىق قىلىنغان
2024.02.06
خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» 6-فېۋرال كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى (CNPC) تارىم نېفىتلىكى 600 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ قۇرۇلۇش 2023-يىل 5-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 13. 3 كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، 312مىڭ توننا كۆمۈرنى كۆيدۈرگەندە چىقىدىغان توك مىقدارىغا باراۋەر كېلىدىكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان ئوت ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغاۋاتقان شارائىتتا، خىتاي نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى قۇرغان بۇ يېڭى تىپتىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى «812 مىڭ توننا كاربون دىئوكسىدنى ئازايتىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان. ھالبۇكى، يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتر ئىستانسىسى كۈنتاختىلارنى زور كۆلەمدە توپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان توك چىقىرىش ئەسلىھەسى بولۇپ، كۈنتاختىلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىرىكمە كىرىستاللىق كىرىمنىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىتنى بۇلغايدىغان مەينەت ۋە ئېغىر ئەمگەك جەريانى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئەمگەككە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكادىكى «بۆسۈش تەتقىقات ئىنستىتۇتى» 2022-يىل 18-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «كۈنتاختا ئېمپېرىيەسىنىڭ گۇناھ-جىنايەتلىرى» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىدا تېز سۈرئەتتە ئاشقان كۈنتاختا ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ئەۋزەللىكى، شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن مەجبۇرىي ئەمگەك زۇلۇمى، كۈنتاختىغا كېتىدىغان كىرىستاللىق كىرىمنىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما ۋە ناچار ئەمگەك مۇھىتى قاتارلىقلار رەسىم ۋە گرافىكلار بىلەن كۆرسىتىلگەنىدى.









