تارىم ئويمانلىقىدا ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسى بايقالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-04-20
Share

خىتايدىكى «سىنا تورى» ۋە باشقا خىتايچە تور مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تارىم ئويمانلىقىدىن تارىختىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بايقالغان.

يېڭىدىن بايقالغان بۇ نېفىتلىكنىڭ زاپاس نېفىت مىقدارى تۆت مىليارد توننىغا يېقىن بولۇپ، تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى ئىككى تىرىليون كۇپمېتىر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نېفىتلىك تەۋەسىدىكى زاپاس كۆمۈر مىقدارى 188 مىليارد توننىدىن ئاشىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مەزكۇر نېفىتلىك ئەتراپىدا يەنە زور مىقداردا ئۇران زاپىسى بار ئىكەن.

خىتاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، مەزكۇر نېفىتلىكتە رەسمىي قېزىش باشلانسا خىتاينىڭ نېفىت ئىمپورتى زور دەرىجىدە ئازىيىدىكەن. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ داچىڭ ۋە باشقا نېفىتلىكلىرى ھازىر ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان بولغاچقا، مەزكۇر نېفىتلىك خىتاي سانائىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئالاقىدار مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھازىرقى ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 38 مىليارد توننا بولۇپ، دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاينىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى تۆت مىليارد توننىغا يېقىن بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدىكى يېڭىدىن بايقالغان بۇ نېفىت زاپىسى خىتاينىڭ ھازىرقى نېفىت زاپىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت