تارىم ۋادىسىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى توققۇز كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.15

«خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت قېزىش ئاساسلىقى تارىم ۋادىسىدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا بۇ جايدىكى نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9100 مېتىردىن ئاشقانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي باشقۇرىشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى»نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇق ھازىرغىچە قېزىلغان نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى رېكوردىنى ياراتقان. شايار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بۇ قۇدۇقلارنى قېزىش خىزمىتى 20-فېۋرالدا ئاياقلىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يەر قاتلىمىنىڭ 3-ئۈزۈك بەلۋاغ قىسمىدىن تېشىپ ئۆتۈش ئەمەلگە ئاشقان. نۆۋەتتە كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق قېزىش 5-ئۈزۈك بەلۋاغ قىسمىغا يېتىش ھەمدە بۇ جايلاردىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش نىشان قىلىنغان. خىتاي نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى تارماق شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى ليۇ شۇەي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئادەتتە ئۈزۈك بەلۋاغلار ئارىسىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئۈزۈك بەلۋاغنى تەشكەندىن كېيىن، ئۇلار مۇشۇ قۇدۇق ئارقىلىق ئۈستىگە چىقىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت قېزىش خىزمىتى 2019-يىلىلا نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى «جۇمۇلاڭما چوققىسىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى» بىلەن ماختانغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىل قۇدۇقلارنى يېقىن كەلگۈسىدە ئون مىڭ مېتىردىن ئاشۇرۇش كۆزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلىق ئىزچىل بۇ خىل خەۋەرلەردىن ئورۇن ئالماي كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور تەبىئىي بايلىق زاپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن ئىكەنلىكى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» قاتارلىق ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن كۆپ قېتىم ئورۇن ئالغان ئىدى. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.