تارىم نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى

«خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ ئ‍اتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىم نېفىتلىكىدىن 2020-يىلى جەمئى 30 مىليون توننا نېفىت-گاز ۋەزنى قىممىتىدە نېفت ۋە تەبىئىي گاز قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئومۇمى قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (65 مىليارد خىتاي سومى)دىن ئاشىدىكەن. بۇ خىتاينىڭ 2020-يىلى دېڭىزدىن قېزىۋالغان بىر يىللىق نېفىت مىقدارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىىشچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت سانائىتى «شەرقىي قىسىمدا مۇقىملىق، غەربىي قىسىمدا تەرەققىيات» دېگەن ئىستراتېگىيە بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا نېفىت قېزىپ كەلمەكتە ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىم نېفتلىكىدىن قېزىۋېلىنغان نېفت-گاز ۋەزنى قىممىتى 2000-يىلى بەش مىليون توننا بولغان بولۇپ، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا يىلىغا بەش مىليون توننىدىن ئېشىپ ماڭغان. 2035-يىلىغا بارغاندا بولسا بۇ ساننىڭ 50 مىليون توننىغا يەتكۈزىلىدىغانلىقى نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

گەرچە تارىم نېفىتلىكىدىكى نېفت زاپىسى خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق نېفت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئانالىزچىلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل خىتايدىكى ئەڭ نامرات تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە ئىكەن. يەنە بەزىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «نېفت بايلىقىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىق» دەپ قارىماقتىكەن.