تارىم نېفىتلىكى خىتاينى ھازىرغىچە 320 مىليارد 100 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي گازىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى بولغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولى» 2004-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنى 320 مىليارد 100 مىليون كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارىم نېفىت شىركىتى ئەمەلدارلىرى نۆۋەتتە بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ خىتاينىڭ 15 ئۆلكە، شەھىرىدىكى 400 مىليون خىتاي ئاھالىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە 3 مىڭ شىركەت بۇ تۇرۇبا يولىدىن كەلگەن تەبىئىي گازنى تۇرمۇشقا كېرەكلىك گاز قىلىپ ئىشلەيدىكەن.

خىتاينىڭ غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، 2002-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ قۇرۇشقا باشلىغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» ئەينى ۋاقىتتا مۇھىت ئاسرىغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ تۇرۇبا يولى رايوننىڭ نازۇك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ زىچ باغلاپ، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

تارىم نېفىت شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت-تەبىئىي گاز ساقلاش-توشۇش مەركىزىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى چاڭ گۇيچۈەن: «ھازىرغا قەدەر، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا يولىنىڭ لىنىيەسى ئىشقا كىرىشكەن 18 يىلدىن بېرى، تارىم نېفىتلىكى جەمئىي 320 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ بەردى» دېگەن.

«تەڭرىتاغ» تىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ 3-چوڭ تەبىئىي گاز تەمىنلەش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، تارىم نېفىت شىركىتى ئۆزىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تورىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 5 ۋىلايەت-ئوبلاستقا قاراپ كېڭەيتمەكتىكەن.