خىتاي تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق كولاپ، ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق كولاش رېكورتىنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ «ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپە» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.
«خىتاي ئاخبارات تورى» نىڭ 4-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكى قۇدۇق قېزىش ئەترىتى چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان قۇدۇقتىن يەنە 140 قۇدۇقنى كولىغان بولۇپ، قۇدۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن 19 مىليون 700 مىڭ توننا ماي-گاز (ھىدروكاربون) ئالغان. تارىم نېفىتلىكى بۇرغىلاش ئەترىتى «ئىلمىي بايقاش ۋە ماي-گاز ئىزدەش» مەقسىتى بىلەن بۇ قۇدۇقلارنى قازغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا 12 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق قازالايدىغان ئاپتوماتىك قېزىش ماشىنىسى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ 5-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تارىم نېفىتلىكى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ خۇڭتاۋ بۇ قېتىم بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىمىز» دەپ ماختانغان.
ئەمەلىيەتتە خىتاي تارىم نېفىتلىكىنىڭ بۇنچە كۆپ چوڭقۇر قۇدۇقلارنى قېزىپ، ماي-گاز ئېلىشىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىمۇ قەيت قىلىنماقتا. گېرمانىيەنىڭ گوگەل تەتقىقات ئورنى چىقارغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا قالدۇرۇپ قويغان.