تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 100 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى

جۇڭگو خەۋەرلەر تورى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 100 مىليارد كۇپ مېتىردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەنتەنە بىلەن خەۋەر قىلدى.

تارىم نېفىتلىكى كۆپ يىللاردىن بۇيان غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش لايىھىسى بويىچە خىتاينىڭ شەرقى رايونىدىكى 13 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسىنى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىكەن.

تارىم نېفىتلىكى يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ ۋە بايىنغولىن قاتارلىق ۋىلايەت ھەم ئوبلاستلارنىمۇ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ، تارىم نېفىتلىكىدىن ئېلىنغان تەبىئىي گازنىڭ ئىنتايىن ئاز مىقدارىنى ئىگىلەيدىكەن. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان 23.5 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گازنىڭ 3 مىليارد كۇپ مېتىرىلا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىپ، قالغان زور قىسمى پۈتۈنلەي شەرقىي خىتايغا توشۇلغان ئىكەن.