تۇرپاندىن تېپىلغان 1700 يىللىق تارىشا پۈتۈك خىتاينىڭ ئەڭ دەسلەپكى توختاملىرىدىن بىرى دەپ تەشۋىق قىلىنغان
2023.11.15
15-نويابىر كۈنى، خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ چىقارغان بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ «ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر كۆرگەزمە زالى» دا بىر تارىشا پۈتۈن كۆرگەزمە قىلىنغان ۋە بۇنىڭ «خىتاينىڭ بىر قەدەر بۇرۇنقى زامانىدا قوللىنىلغان توختام» ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىلادىيە 273-يىلىغا ئائىت بۇ تارىشا پۈتۈك تۇرپان ئاستانىدىكى 53-نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 24. 5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2. 4 سانتىمېتىر كېلىدىكەن؛ ئالدى كەينىگە 3 قۇردىن 53 خىتايچە خەت قارا سىياھتا يېزىلغان بولۇپ، بىر ئايالنىڭ بىر ئەرنىڭ قولىدىن گۇەنسەي (جەسەت ساندۇقى) سېتىۋالغانلىقى ۋە بۇنىڭغا بىرىنىڭ گۇۋاھچى بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ مەزمۇنغا ئاساسەن، بۇنىڭ ئەسلىدە بىر توختام، ھۆججەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. خەۋەردە يەنە، «بۇ دەۋردە غەربىي دىياردا ئاللىقاچان قەغەز بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ناھايىتى كەم بولغاچقا ياغاچ ئاساسلىق يازما ماتېرىيالى بولغان. بۇ تارىشا پۈتۈك ئەڭ دەسلەپكى خىتايچە يېزىلغان توختاملاردىن بىرىدۇر» دېيىلگەن.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا، غەربىي دىيار، يەنى بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ غەربىي خەن دەۋرىدىن باشلاپ خىتايغا قارام بولغانلىقى بەزى تارىخىي ھۆججەتلەر ئارقىلىق بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مۇزېيخانىلار، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇنىڭغا ماسلىشىپ، خىتايغا ئائىت يادىكارلىق ۋە بۇيۇملارنى ئىسپات سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ خەۋەردە دېيىلگەن ۋېي، جىن، جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى خىتاينىڭ ئەڭ پارچىلانغان، مالىمانچىلىق دەۋرى بولۇپ، ئىچكىرى خىتايدىن قېچىپ كەلگەن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم. گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچى ئابلەت سەمەتنىڭ قارىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر دىيارىغا سودا قىلىپ كەلگەن ياكى يولدىن ئۆتكەن خىتايلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بەزى نەرسىلىرىگە قاراپلا، بۇ رايوننى خىتاينىڭ بىر قىسمى بولغان دەپ قاراشقا بولمايدىكەن.