ئۈرۈمچىدە «مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەر تارىخى» بويىچە ئىككى چوڭ تەتقىقات تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن

مەلۇم بولۇشىچە، 23-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇم مېھمانخانىسىدا «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش» ھەمدە «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» قاتارلىق ئىككى چوڭ تەتقىقات تۈرىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەزكۇر ئىككى چوڭ تەتقىقات تېمىسىغا زور سوممىلىق مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، ھەر بىر چوڭ تېما ئۆز ئىچىدىن بىرقانچىلىغان مەخسۇس تېمىلارغا ئايرىلىپ، گۇرۇپپا بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىكەن.

«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى» بويىچە ئىشلىنىدىغان ئىككىنچى چوڭ تۈردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش 13 مىللەتنىڭ تارىخى بويىچە 13 كىتاب يېزىلىدىكەن ھەمدە ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتلەر تارىخىنى شەرھىلەشتىكى قوللانما قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجراتقان بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ ۋاڭ لېچۋەن دەۋرىدە يازدۇرۇلغان «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» دىن كېيىنكى يەنە بىر ھۆكۈمەت كىتابىنى مەيدانغا چىقىرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.