ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن 3 - ئاۋغۇست كۈنى «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىلىرى بىلەن مەسئۇل مۇھەررىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق كۆپ قىسىملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 2003 - يىلىدىن ئېتىبارەن نەچچە ئونلىغان خىتاي تارىخچىلىرىنى تەشكىللەپ يازدۇرۇلۇشقا باشلىغان.
«شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئومۇمىي نام ئاستىدا يېزىلغان بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلارغا غايەت زور ھۆكۈمەت مەبلىغى سېلىنغان بولۇپ، ھازىر ئەڭ ئاخىرىقى تەھرىرلىك باسقۇچىدا تۇرماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 3 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىندا «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» تەھرىر ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ دۇنفۇ ئالدى بىلەن جاڭ چۈنشيەنگە ئەھۋال تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن ھەرقايسى توملارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىدىن دوكلاد بەرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن مەزكۇر يىغىندا «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نىڭ ھەرقايسىي قىسىملىرى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكۈچىلەر بىلەن مەسئۇل تەھرىرلەرگە مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىپ، ئۇنى «شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئەسەر» گە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ سېلىپ يازدۇرۇۋاتقان «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە باشلانغان ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئەينى چاغدا ئامېرىكىدا «شىنجاڭ: خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق ئىلمىي ئەسەر نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە ئادەم تەشكىللەپ «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» نى يازدۇرۇشقا باشلىغان، دەپ قارىماقتا.
