خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تارىخىي مىراسلىرىنىڭ ئورنىغا «قىزىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىلىرى» نى دەسسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.08

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئ‍ۆزىنىڭ «قىزىل ۋەتەنۋەرلىك تەربىيە بازىلىرى» نى بەرپا قىلىشنى كېڭەيتمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەنە 15 ئورۇننى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خىتاي «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ 15 ئورۇن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» قىلىپ بېكىتكەن 4-تۈركۈمدىكى «قىزىل تارىخي مىراسلىرى» بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاز دىگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسنى چەكلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىلىرىنى پارچىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرى» نى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا كىرىشكەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن تارىخىي مىراسلىرى، مەسچىت ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋىي قۇرۇلۇشلىرى چېقىپ تاشلانغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 4-تۈركۈمدىكى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن بۇ ئورۇنلار قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئىدىيەۋى سىياسى تەربىيەلەش مەركىزى»، «كۈرە ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى»، قەشقەر مۇزىيى، ئۇچتۇرپان قوڭغۇراق راۋىقى، مالەن ھەربىي كۆرگەزمىسى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ھەربىي قەبرىستانلىقى شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى تۇمشۇق شەھرىگە قۇرۇلغان «تاڭ خاندانلىقىنىڭ بوز يەر ئېچىش مەدەنىيىتى تەجرىبە مەركىزى» قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.