ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم تارىخى يادىكارلىقلىرى بېيجىڭدا كۆرگەزمە قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا ئائىت بىر قىسىم مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 18-نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆرگەزمىگە قويۇلغان 70 پارچىغا يېقىن قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىچىدە كىچىك دەريا ياكى كىچىك مىرەن قەبرىستانلىقىدىن قېزىپ ئېلىنغان مەشھۇر «كىچىك مىرەن گۈزىلى»، لوپنۇردىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئەرەنچە كىيىم ۋە ئىلى مىس قاراۋۇلى دەپ نام بېرىلگەن يادىكارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، «كىچىك مىرەن گۈزىلى» نىڭ زىيارەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ئىپادە قىلىنغان ۋە يۇقىرىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىگە باغلانغان. شۇنداقلا يەنە، رايوندا قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ۋە كىملىك تونۇشى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو 2017‏-يىلى ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئارخېئولوگىيە يىغىنىدا «ئارخېئولوگىيە شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرۈشكە خىزمەت قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەنىدى. شۇندىن بېرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر پۇرسەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخى ۋەقەلىكلەرگە ئائىت پاكىتلارنىڭ ھەممىنى «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت