خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.02.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان، خىتاينىڭ رايوندىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىنىسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان «كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 25-فېۋرال كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئ‍ۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزلىك كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىنكى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقارغانلىقى، مەبلەغ تۈرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن دائىرىلەر بۇ يىللىق پىلاندا بۇ قۇرۇلۇشقا قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېيتمىغان. چەتئەل تەتقىقاتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى پارچىلاش، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئ‍ەرزان باھالىق مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ پارچىسى» ئىكەن.

لېكىن دائىرىلەر 25-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا «كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» قۇرۇلۇشىغا ئاساسەن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئەتراپىغا 224 كارخانا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 75 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق «ھەر بىر ئولتۇراق رايوندا ئاز دېگەندە بىر مۇقىم كىرىم قىلىدىغان كارخانا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى» تەكىتلەنگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە، 2021-يىلى بۇ قۇرۇلۇشقا بىر مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. دائىرىلەر 2017-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىلىرىنى چېقىپ تاشلىغان. ئاھالىسىنى يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلەيدىغان ئەرزان باھالىق ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت