خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 10 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى تۇرالغۇ جايلىرىدىن يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرماقچىكەن

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 10 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى شەخسىي تۇرالغۇ جايلىرىدىن بىنا ئۆيلەرگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 8-مايدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا بىنا ئۆي قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چەت يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە كونا ئۆي ۋە مەھەللىلەرنى چېقىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ قېتىمقى پىلاندا 10 مىڭ كىشىنىڭ بىنا ئۆيلەرگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىلانلانغان، ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىتى، يۆتكىمەكچى بولغان جاي ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆز يېرىدىن يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش پىلانى دىققەت قوزغىماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت