خىتايدا «تاشلىنىپ قالغان» بالىلار سانى 9 مىليوندىن ئاشىدىكەن

خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي مىقياسى بويىچە ئاتا-ئانىلىرى شەھەرلەرگە ئىشلىگىلى كىرىپ كەتكەنلىكتىن «تاشلىنىپ قالغان» بالىلارنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

بۇ بالىلارنىڭ 90 پىرسەنتى يەنى 8 مىليونى بوۋا-مومىلىرى بىلەن قەپ قالغان بولسا، بىر مىليون ئەتراپىدىكىسىنىڭ قارايدىغان ھېچكىمى يوق ئىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى تاشلىنىپ قالغان بۇ بالىلار مەسىلىسى خىتايدا شىددەت بىلەن ئەپ بېرىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى،خىتايدىكى نوپۇس تىزىملاش سىياسىتى ئىكەن. جۈملىدىن، ئاققۇن ئىشچىلار شەھەرلەردە نوپۇسقا تىزىمغا ئالدۇرالمىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى شەھەرلەردە مەكتەپكە بېرىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىمكانلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن. شۇڭا بۇ بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن يېزىدا قېلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇلار يىلدا ئاران بىر قېتىم ئاتا-ئانىلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ رەسمىي رەقەم 2013-يىلى خىتايدىكى ئاياللار فېدىراتسىيەسى ناملىق تەشكىلات ئېلان قىلغان رەقەمدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ رەقەمنى 61 مىليون دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن. بىراق خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 9 مىليون دېگەن بۇ رەقەمنى «خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق» دەپ كۆرسەتكەن.