تاتارىستاندا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تاتارلىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيەدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازان شەھىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىنغان قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تاتارلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

رۇسىيەدىكى «موسكۋا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان 23 ياشلىق ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تاتارلىرىدىن شەھرىزات شاۋكەت بىلەن شاھدىيار شاۋكەتنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رۇسىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنغان. ئەمما لارنىڭ ئادۋوكاتى زۆھرە ھەمرايېۋا، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مۈشكۈلگە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە بۇ يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن 37 دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى. «موسكۋا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھرىزات شاۋكەت ۋە شەھرىيار شاۋكەتنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى تاتار بولۇپ، نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. شەھرىزات بىلەن شەھرىيار 2015‏-يىلى قازانغا كېلىپ، رۇسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئوقۇشقا كىرگەن. بىراق ئۆتكەن يىلى ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەچكە ئۇنىۋېرسىتېت ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختاتقان.

ئۇلارنىڭ «موسكۋا ۋاقتى» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بېلارۇسىيەدىكى كونسۇلخانىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئۇلارغا ۋىزىسىنى پەقەت خىتايغا قايتىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۇزارتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما شەھرىزات ۋە شەھرىيات خىتايغا قايتىپ بارسا ئۆزلىرىنىڭ باشقا ئۇيغۇر دوستلىرىغا ئوخشاش لاگېرغا قامىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. ئۇلار قايتىپ بارسا، ئۆزلىرىنىڭ تېلېفون ئېكرانىدىكى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئاۋارىچىلىككە قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«موسكۋا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شەھرىيار بىلەن شەھرىزات ئېنىقسىز بىر كېلەچەككە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار داۋاملىق قازاندا تۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى زۆھرە ھەمرايېۋا، ئەگەر رۇسىيە سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى يەنە رەت قىلسا، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشنى پىلانلىماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت