ب د ت تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 21-يانۋار كۈنى ئۆز تور بېتىدە بايانات بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ «تايلاند ھۆكۈمىتى 48 ئۇيغۇرنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېيىلىدۇ. ئۇلار يەنە تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ «ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ» دېگەن.

باياناتتا ئۇلار يەنە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ ئىسپاتى بار. بىز ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا ئورنىغا كەلمەيدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ئۇنداق قىلىش مۇساپىرلارنى تەن جازاسىغا ياكى باشقا زوراۋانلىقلارغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك دۆلەتلەرگە قايتۇرۇشنى چەكلەشتەك خەلقئارا بەلگىلىمىگە خىلاپ» دېگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇر 2014-يىل تايلاندقا قېچىپ چىققان 350 ئۇيغۇر مۇساپىردىن قالغانلىرى بولۇپ، ئۇلار 11 يىلدىن بېرى مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ياشاپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى قاماقخانىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلار ھازىرغىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ياكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى كومىسسارلىقى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئامال قىلالمىغان.

مەزكۇر باياناتتا، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا زۆرۈر بولغان تۇرمۇش شارائىتى ۋە داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشكە، مۇساپىرلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياكى ئادۋوكاتى بىلەن ب د ت ئورگانلىرىنى ئۇچراشتۇرۇشقا يول قويۇشقا چاقىرغان.