تايلان كۆچمەنلەر ئىرادىسى تايلاندنىڭ پۇكەت قاتارلىق ئارىلىرىغا ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تېررور گۇماندارلىرى كىرگەنلىكىگە ئائىت ئاتالمىش «ئىستىخبارات دوكلاتى» مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
«پۇكەت گېزىتى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا تايلاندنىڭ پۇكەت ۋە سامۇئى ئارىلىغا ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 4 نەپەر تېررور گۇماندارى كىرگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ 23 - مارت پۇكەت ئارىلىغا كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تايلاند ئا دائىرىلىرى 8 - ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىمى نتاھورن پرۇسۇنتورن يۇقىرىدىكى ئاتالمىش «ئىستىخبارات دوكلاتى» نى رەت قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوكلات ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز كۆچمەنلەر ئىدارىسى سىستېمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بىزدە تايلاندقا تېررور گۇماندارنى كىرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇ يەردە ئەنسىرىگۈدەك ھېچ ئىش يوق.»
ئۆتكەن يىلى مايدا تايلاند دائىرىلىرى 2014 - يىلىدىن بۇيان مەزكۇر دۆلەتتە قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىردىن 109 نەپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. تايلاندنىڭ مەزكۇر قىلمىشى خەلقئارالىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەن.
شۇ يىلى 17 - ئاۋغۇست باڭكوكتىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. دائىرىلەر ھۇجۇمنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىگە باغلىغان ۋە ئىككى ئۇيغۇرنى ھۇجۇمغا چېتىپ قولغا ئالغان ئىدى.
