تايلاندتا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سانى بۈگۈن 31 نەپەرگە يەتكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.06.05

بۈگۈن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، تايلاندتا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سانى بۈگۈن 31 نەپەرگە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىگە جايلاشقان كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئىكەن.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى 31 - ماي رادىئومىزغا ئەۋەتكەن مۇراجىئەتنامىسىدە ئۆزلىرىنىڭ «تايلاندتىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك» قىلىدىغانلىقى، تايلاندتا دائىرىلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتىدا خىتايغا قايتىپ كېتىپ قىيىن - قىستاقتا ئۆلگەندىن بۇ يەردە ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تايلاندتا ئۆلۈپ كېتىشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2 - ئىيۇن ئۇلار بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدا ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ تونۇشتۇرغان ۋە نۆۋەتتە باڭكوكتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان شۇ خىلدىكى تۇتقۇنلار سانىنىڭ 19، 20 گە يەتكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بىر يېرىمىدىن كۆپرەكىنى جازالاش كامىرىغا قامىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئاچلىق ئېلان قىلىشتىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈنكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇلاردىن ئاز دېگەندە 3 نەپىرى ئاچلىقتىن ئېغزىدىن كۆپۈك يېنىپ ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئاچلىق ئېلان قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ھاتياي رايونىدا ئىكەن.

بۇ ئۇيغۇرلار 2014 - يىلىدىن بۇيان تايلاندتا قاماقتا ياتماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.