تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا

تايلاند تۈرمىسىدە ئون يىلدىن بۇيان تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندا بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چوڭ خەۋەر تېمىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇن باڭكوك دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ 10-يانۋار باشلىغان ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى ئۇلارغا «ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن خىتايغا قايتىش جەدۋىلى» نى تارقىتىپ بېرىلگەندىن كېيىن باشلانغان، شۇنداقلا بۇ جەدۋەلگە ئىمزا قويۇشنى ئۇلار كوللېكتىپ رەت قىلغان.

ھالبۇكى تايلاند دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فۇنتام ۋىچاياچاي (Phumtham Wechayachai) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بىز بۇ مەسىلىنى دۆلىتىمىزگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ چاتاق تېرىپ بەرمىگەن ئاساستا بىر ياقلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى گەپلەرنى مەن تېخى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بىز بۇنداق بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى گەپلەرنى تېخى ئاڭلاپ باقمىدۇق» دېگەن. نۆۋەتتە خىتاي ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ سۆزلىرى زور گۇمان قوزغاش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك تەخمىنلەرگە سەۋەب بولۇشقا باشلىغان.

19-يانۋار كۈنى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلىنار (John Moolenaar) تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى باش ئەلچىسىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ باڭكوك تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ مەكتۇپىدا «ناۋادا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئۆلۈم ۋە ئېغىر قىيناقلار بولىدۇ» دېيىلىدۇ.