تەيۋەننىڭ لىتۋادا ۋەكىل ئىشخانىسى ئېچىشى خىتاينى ساراسىمىگە سالغان
2021.11.22
تەيۋەننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ لىتۋادا تەيۋەن ۋەكىلى ئىشخانىسى ئېچىپ، غەيرىي رەسمىي ئەلچىخانا سۈپىتىدە رەسمىي خىزمەت باشلىشى خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان. لىتۋا بىلەن تەيۋەن بۇ يىل 7-ئايدا ئۆز ئارا ۋەكىل ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىتاي-تەيبېي، دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا رەسمىي تەيۋەن، دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا لىتۋانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقارغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ لىتۋادىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 22-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ لىتۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لىتۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ 2-دەرىجىلىك دىپلومات سەۋىيەگە يەنى ۋاكالەتچى سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، لىتۋانىڭ ھەرىكىتى «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» ئىكەن. ئۇ لىتۋا ھۆكۈمىتىنىڭ «خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىشى» نى تەلەپ قىلغان. بىراق لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىنكاسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، لىتۋانىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى» دە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، غەيرىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئورنىتىش ھوقۇقى بار ئىكەن.
لىتۋانىڭ قارارىنىڭ ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى دىققەت قوزغىغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېيىنھارت بۈتىكۆكفېر 21-نويابىر تۋىتتېردا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئارىسىدا جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چۈنكى، بىز بېيجىڭنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىنى بەلگىلىشىگە يول قويمايمىز» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تەيۋەن ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنى «بىر خىتاي سىياسىتى» گە خىلاپ، دەپ قارىمايدىكەن.