ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قىدىرىش تارىخىنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىغا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇلاھىزە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

21-يانۋار كۈنى ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «خىتاي ئارخىپى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت زاپىىسنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇرۇلمىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە ئاپتورى جۇددىي كىنزلىينىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول نېفىت زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى 19-ئەسىردە كەڭ بىلىنىپ بولغان بولۇپ، ئۇنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى 1644-1911-يىللىرى ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن چىڭ خانىدانلىقى مەزگىلىدە باشلانغان ۋە چىڭ خانىدانلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن يىللىرىدا ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ناھايىتى قىزىققان ئىكەن.

ئاپتور سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1917-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قىدىرىش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدىكى مايتاغ نېفىت بازىسىدا نېفىت قىدىرىش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىدا ئاساسلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخنىكىسىغا تايانغان ئىكەن.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتىنى ئېچىش خىزمىتى ئاساسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزى بويىچە شىمالدىكى نېفىتلىكلەرگە مەركەزلەشكەن ئىكەن ۋە تاكى 1990-يىللارغا كەلگەندە خىتاينىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى ئارتقاندىن كېيىنلا ئاندىن جەنۇبتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى باشلانغان ئىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرى تارىخىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت مەبلىغىنىڭ شەكىل ۋە قۇرۇلمىسىغا، كۆچمەنلەر قۇرۇلمىسىغا ۋە جەنۇب بىلەن شىمال ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە كۆرسەتكەن تەسىرى زور بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئۆز-ئارا پەرقلەندۈرۈلۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت