جۇ خەيلۇن دىنىي تەبلىغنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلىگەن
2017.04.01
31-مارت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن قەشقەردە ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يىغىپ، ئۇلارغا دىنىي تەبلىغنىڭ دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قەشقەردىكى دىنىي زاتلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ غۇلغۇلا قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇ خەيلۇن دىنىي زاتلاردىن «خىتاي كومپارتىيەسىنى ھىمايە قىلىش، سوتسىيالىستىك تۇزۇمنى ھىمايە قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، دىنىي تەبلىغلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى چۈشەندۈرىدىغان، ئۇرغۇتىدىغان مەزمۇنلارغا چوڭقۇرلاپ كىرىش، تىنچلىق، ئوتتۇرا يول، كەڭ قورساقلىقنى تەرغىب قىلىش، دىنىي ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۇ يەنە دىنىي زاتلارنى دىننى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرغان.
ئۇ، يىغىندا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەتلەردىن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ دىنىي خىزمەتنى «خىتايلاشتۇرۇش» يۆلىنىشىگە يېتەكلەش ئىشلىرىنى كۈچەيتىشنى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن تۇغقان ۋە دوستلارنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان.
29-مارت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 50 ماددىلىق «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ماقۇللىغان.
مەزكۇر نىزامدا ساقال قويۇش ئۆلچەملىرى ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنىشكە قارىتىلغان چەكلىمىلەر كۆرسىتىلگەندىن باشقا «رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنى چەتكە قېقىش، يېمەكلىكلەرنىڭ ھالاللىق ئۇقۇمىنى كېڭەيتىش، پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىشىغا يول قويماسلىق» قاتارلىقلارمۇ «ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن.
دائىرىلەر مەزكۇر نىزامنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.