تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئامېرىكانىڭ ئىلغار تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مودېللىرى بايقالغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئامېرىكانىڭ F-22 ۋە F-35 ئەڭ ئىلغار تېخنىكالىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مودېللىرى بايقالغان. «ياپونىيە خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكالىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مودېللىرىنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدە بايقىلىشى، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى مودېللىرىغا قارىتا ھۇجۇم نىشانى مەشقى ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ مودېلىنى ياساپ، ئۇنىڭغا قارىتا تۇنجى قېتىم ھۇجۇم نىشانى مەشقى ئېلىپ بېرىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئامېرىكا ئاۋىياماتكىلىرىنىڭ مودېلىنى ياساپ، ئۇنىڭغا قارىتا ھۇجۇم مەشقى ئېلىپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي بىر ئۇرۇشقا قاتتىق تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارالماقتا.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەكلىماكان چۆللۈكىدە ئېلىپ بېرىلغان قارىغا ئېتىش مەشقى، 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولغان. بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ساختا ئۇرۇش ئايروپىلان مودېللىرى ۋە ئۇچۇش يوللىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئېلان قىلىنغانلىقى، بۇ سۈرەتلەردىن ئۇچۇش يوللىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانى مودېللىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «ياپونىيە خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيە ياماگۇچى ۋىلايىتىنىڭ ئىۋاكۇنى دېگەن جايىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەكلىماكان چۆللۈكىدىكى ھۇجۇم مەشقى ياپونىيەدىكى مەزكۇر بازىنى تەقلىد قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمانلار بار ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى «يۇلتۇزلۇق ئارال» گېزىتىنىڭ 1-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە، تەكلىماكاندىكى مەزكۇر ھەربىي مەشقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇلغارىيە ھەربىي تورىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.