خىتاي دائىرىلىرى تەكلىماكاندا 4- قۇملۇق تاشيولىنى ياساپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن
2023.12.07
«خىتاي خەۋەرلىرى»تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تۆتىنچى قۇملۇق تاشيولىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن.
بۇ تاشيولنىڭ قۇرۇلۇشى 2022-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، شىمالدىكى تۇمشۇق شەھىرىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىكى قۇرۇمقاش شەھىرىدە ئاياغلىشىدىكەن؛ بۇ ئارقىلىق ئىككى شەھەر ئارىسىدىكى ئەسلىدىكى 6 سائەتلىك مۇساپە، 3 سائەتكە چۈشۈرۈلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيوللارنى ياساپ، رايوننىڭ قاتناش تورىنى ھەر تەرەپكە تۇتاشتۇرماقتا.
ئىلگىرى ئۇلار تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چەرچەن-لوپنۇر قۇملۇق تاشيولى، بۈگۈر-نىيە ، ئارال-خوتەن قۇملۇق تاشيوللىرىنى ياساپ چىققانىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ، 4- قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلۇپ، قاتناشقا توسالغۇ پەيدا قىلالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈرلىرى بولۇپ، ئۇ يەنە تاشيول، تۆمۈريول ۋە ھاۋا قاتنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى بولسا بۇ تۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۆتكەش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى توشۇشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.