ئۇيغۇر رايونىدا ئابۇنتلارنىڭ تور ۋە تېلېفونىنى ھەقىقىي ئىسىمى بىلەن تىزىملاش نىسبىتى 100 % گە يەتكەن
2017.06.02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلى بەلگىلىمە چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ تور ۋە تېلېفونىنى ھەقىقىي ئىسمىنى بىلەن تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئابۇنتلارنىڭ تور ۋە تېلېفونىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىش نىسبىتى 100 % گە يەتكەن. ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاشنى 100% گە يەتكۈزگەن بىردىن -بىر رايون ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى «تېلېفون ۋە تور ئابۇنتلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاشنى باشقۇرۇش چارىسى» نى ئېلان قىلىپ، شۇ يىلى1-ئۈكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئابۇنتلارنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاشنى 1-ئىيۇندىن بۇرۇن ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلغاندىن بېرى، 2 مىليون 100 مىڭ ئابۇنتنىڭ ھېساب نۇمۇرى بىكار قىلىنغان، 530 مىڭ ئابۇنتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغان.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ تېلېفون ئابۇنتلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تزىملاش تۈزۈمى د ئۇ ق قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر تۈزۈم پەقەت ئۇيغۇر تور ۋە تېلېفون ئابۇنتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالاقىسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ تۈزۈم پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر رايونى ئابۇنتلارنىڭ تور ۋە تېلېفونىنى تىزىملاشنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك «تور بىخەتەرلىك قانۇنى» 1-ئىيۇن رەسمىي يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئورۇنداپ بولغان. مەزكۇر قانۇن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2017-يىلى11-ئايدا ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇنمۇ غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.