خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى گۇماندارلارنى ئۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇش چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەن جازاسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەرقانداق دەلىل مەھكىمىدە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتايدا گۇماندارلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا سىياسىي مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايدىن تەن جازاسىغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
خىتاي ئالىي سوتى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 10-ئۆكتەبىر «جىنايى ئىشلار داۋا قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، گۇماندارلارغا زوراۋانلىق، تەھدىت ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، دەلىل توپلاش ياكى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشنى چوقۇم توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
«پىكىر»دە يەنە، ھەرقانداق كىشىنى جىنايەتنى مەجبۇرىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئىسپاتلاشقا قىستىماسلىقنى، ھەر قانداق سوراق ئۆلچەملىك سوراق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىپ، تولۇق كامېراغا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەن جازاسىنى چەكلىشى ئەمەس. خىتاي ئالىي سوتى 2013-يىلى بۇ خىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەن جازاسىنى چەكلىگەن.
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى چىقارغان بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى گۇمانلىق ئىكەن. ئۇلار، خىتايدا تەن جازاسىنى چەكلەش قارارىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
