ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنماقتا

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر بوكس چولپانلىرىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ 2018-يىلى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي بوكس كوماندىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە بارىدىغانلىقى خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورى ۋە باشقا جايلاردا كۆپلەپ يەر ئالغان.

ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ۋاسكېتبول چولپانلىرى قاتارىدا ئابدۇسالام ئابدۇرېشىتمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن ئابدۇسالام بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋاسكېتبول كوماندىلىرىدىن سەككىزىدە توپ ئوينىغان بولۇپ، بۇلاردىن «لوس ئانژېلىس كۆلچىلىرى»، «بروكلىن تورلىرى»، «سۇمۇرغ قۇياشلىرى» قاتارلىقلار ئامېرىكىدا كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپ كوماندىلىرى ئىكەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرۇشېت بۇ يىل ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كەسپىي ۋاسكېتبول ئەترىتى بولغان NBA غا خىتاي تەۋەسىدىن قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بىردىن-بىر شەخس ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان پۇتبول چولپىنى ئېرپان ھېزىمنى «چەتئەلگە چىققان» دېگەن «جىنايەت» بىلەپ ئەيىبلەپ «سىياسىي تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ خەۋەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قىلىنغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرىنى تەشۋىقاتقا ئېلىپ چىقىشى ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائىتىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ‹بەختىيار› تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى،» دېيىشمەكتە.