ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسىنى ماقۇللىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.29

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسىنى ماقۇللاپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان.

مەزكۇر چارىنىڭ مەزمۇنى، ئۇنىڭ قاچان ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللىنىشى مۇتلەق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 2015‏-يىلى دېكابىردا ماقۇللانغان. ئەمما مەزكۇر قانۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، غەرب دۆلەتلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

غەرب دۆلەتلىرى بۇ قانۇن خىتايدىكى غەرب كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇن خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار بۇ قانۇننى بىكار قىلىشنى ياكى ئۇنىڭغا جىددىي تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28‏-ئىيۇل ئېچىلغان مۇدىرىيەت يىغىنى يەنە، «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «ياش-ئۈسمۈرلەر جىنايەت سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى»، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى» نى ئاۋازغا قويۇشنى رەت قىلىپ، 2‏-قېتىم كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.