خىتاي خەلقئارا سوتتا: پەلەستىننىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشى تېررورلۇق ھېسابلانمايدۇ

ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ غەززەدىكى توقۇنۇشى كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ۋەكىلى خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسىدە(ICJ) سۆز قىلىپ، پەلەستىننىڭ زوراۋانلىق كۈچى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشى تېررورلۇق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا كېلىشىم ۋە قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنمىڭ 22-فېۋرال كۈنى خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ مەيدانىنى شەرھلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى «قوراللىق قارشىلىق قىلىش» ھوقۇقى بار ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە نارازىلىقلىرىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ، خەلقئارا سوتتا چەتئەلنىڭ بېسىۋېلىشىغا زوراۋانلىق ئارقىلىق بىلەن قارشى تۇرۇشنى تېررورلۇق ئەمەس دېيىشى خەلقئارا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئاۋسترالىيە موناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس ئالىي لېكتورى، «بۈيۈك خەن: ھازىرقى خىتايدا ئىرق، مىللەتچىلىك ۋە ئەنئەنە» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى كېۋىن كارىكو ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تىكى ئىنكاسىدا، ما شىنمىڭنىڭ سۆزى «ھازىر خىتايدا ياشاۋاتقان سابىق چىڭ ئىمپېرىيەسىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن ھاياجانلىنارلىق خەۋەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتا ما شىنمىڭ يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلغانلىق تارىخى بارلىقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشى تېررورلۇق ئەمەس، بەلكى «قانۇنلۇق قوراللىق كۈرەش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەلقئارا ئادالەت سوتىنىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىنىڭ 2022-يىلى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ئىشغالىيىتىنىڭ قانۇنى ئاقىۋەتلىرىگە پىكىر بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى بويىچە چاقىرىلغان.

خەۋەرلەردە، سوتنىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا 50 نەچچە دۆلەت ۋەكىلىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنىڭ ئاڭلاپ ئۆتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خەلقئارا ئادالەت سوتىدىكى سوتچىلارنىڭ 6 ئاي ئىچىدە بۇ مەسىلىگە قارىتا ھۆكۈم چىقىشى پەرەز قىلىنماقتىكەن.