مەركىزىي تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى دوكلاتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 11-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىۋاسىتە تەشكىللىگەن «19-قۇرۇلتاي 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش مەركىزىي تەشۋىقات ئۆمىكى» ئۈرۈمچىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچقان. ئۆمەك ئەزاسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار چېن چۈەنگو مەخسۇس دوكلات بېرىپ «شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى سوتسىيالىزىم ئىدېئولوگىيەسى» دە چىڭ تۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا چېن چۈەنگو 19-قۇرۇلتاي 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي ۋەزىپە ۋە باش نىشان بويىچە تەۋرەنمەي ئىش كۆرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، شۇنىڭدەك نۆۋەتتە «ئىككى يۈز يىللىق» پىلاننىڭ جىددىي پەيتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «نېمىدە چىڭ تۇرۇش، نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» تەك زور سىياسىي مەسىلىدە ھوشيار بولۇشنى ئالاھىدە جېكىلىگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ مىقياستا ئىجرا قىلىش مەركىزىي تېما قىلىنغان بولۇپ، 19-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ قاتتىق رەۋىشتە داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بىۋاسىتە بېشارەت بېرىلگەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتى 19-قۇرۇلتاينىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ تىركىشىپ قېلىشقا ئايلىنىشى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندە كۆرۈلۈۋاتقان زور سىياسىي داۋالغۇش ۋەزىيىتى، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭغا قارشى كۈچلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ شى جىنپىڭنى ئاغدۇرۇۋەتمەكچى بولۇشى دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ شى جىنپىڭنى ئالدىرىتىپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي شى جىنپىڭ «ئۆز-ئۆزى ئۇستىدىن ئىنقىلاب قىلىش، كېسەللىكنى يىلىككىچە داۋالاش، ئاپەتنى يىلتىز تارتىپ بولغۇچە يوقىتىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت