ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالىدىكەن

اۋرا مۇرفى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلىنىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىدە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان

ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى لاۋرا مورفى (Laura Murphy) كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 26-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، لاۋرا مۇرفى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلىنىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىدە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەر ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لاۋرا مورفى 5 ئاي بۇرۇن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئامېرىكاغا كېلىدىغان ماللارنىڭ مەنبەسىنى، جۈملىدىن مال تەمىنلەش زەنجىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. نەتىجىدە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختا ۋە ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ باشقا يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن. مەسىلەن، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ پورشې، ئاۋدى ماركىلىق ئالىي ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىلگەن زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقارغان خىتاي شىركەتلىرى قارا تىزىملىكتىكى شىركەتلەر بولغاچقا، ئامېرىكا تاموژناسى ئۇلارنى تۇتۇپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىل 6-ئايدا ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، 2 مىليارد 900 مىليون قىممىتىدىكى مال تاموژنادا تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇلار ئاساسەن خىتايدا ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ئىكەن. بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ماللىرىغا تايىنىپ قالغان بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار باشقا مال مەنبەلىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان.  

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org