تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېلەر ھەپتە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مانېۋىردا تەيۋەن ئارىلىغا قارىتا يۈز بەرگۈسى ئىشغالغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىي تېما قىلىنىدىكەن.
گەرچە تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا «ھۇجۇم قوزغىغۇچى كۈچلەرنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىشى» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن. بۇ قېتىملىق مانېۋىردا تەيۋەنگە قارىتا ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنىڭ بېسىپ كىرگەن ھالىتىگە قارىتا قايتۇرما ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشقا تەقلىد قىلىنغان ئۇرۇش كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش تېخنىكىلىرى ۋە قۇرال-ئۈسكىنىلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى سىناق قىلىنىدىكەن.
خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان قاتتىق يىرىكلەشكەن. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن گەرچە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. خىتاي تەرەپ تەيۋەن ئارىلىغا يېقىن ئاراللارغا كۆپ قېتىم بومبا ئېتىش، ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى ئۇچۇرۇشتەك تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى كۆز-كۆز قىلىپ كەلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تەيۋەننىڭ بۇ قېتىملىق مانېۋىرنى خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان رەسمىي ئۇچرىشىشلارنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان «تەيۋەن ساياھەت قانۇنى» نى ماقۇللىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنى «بىر خىتاي سىياسىتى» گە ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.