بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تەيۋەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا، تەيۋەن «دۆلەت مارشى» نى ئېيتقان بالىلار خور ئۆمىكىنىڭ، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى گۇاڭجۇدا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنى گۇاڭجۇ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
مەزكۇر بالىلار خور ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ شېڭشۈن ئەپەندى، گۇاڭجۇ تەرەپنىڭ ئويۇن قويۇش توختامىنى بىكار قىلىشىغا، ئۆمەكنىڭ 20-ماي كۈنىدىكى پرېزىدېنتنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ئورۇنلىغان ناخشىسى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۆمەك مەسئۇلى ۋۇ شىڭشۈننىڭ «ئۆمىكىمىز 20-ماي كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا تەيۋەن دۆلەت مارشىنى ئېيتىشنى قارار قىلغان چاغدىلا، خىتاي تەرەپتىن گۇاڭجۇ سەپىرىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش كەلگەن ئىدى. ئەمما بىز ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمايمىز. چۈنكى ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا ئويۇن قويۇش شەرىپىگە ئېرىشتۇق» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى گۇاڭجۇدا ئويۇن قويۇشى بىكار قىلىنغان تەيۋەن بالىلار خور ئۆمىكىنىڭ ئىسمى «پۇزانگالان» يەنى بىڭدۇڭ ئۈمىد خور ئۆمىكى بولۇپ، ئۆمەك ئەزالىرى تەيۋەننىڭ يەرلىك خەلقىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇلار بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، تەيۋەندىكى يەرلىك خەلق ناخشىسىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن تەيۋەن «دۆلەت مارشى» نى ئورۇنلاپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.