تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى سۈركىلىش پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.05.20

تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 20-ماي كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش بىلەن داڭق چىقارغان سەي يىڭۋېننىڭ قايتىدىن پرېزىدېنت بولۇشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا سىياسىيونلىرىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالاھىدە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنى مۇبارەكلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى تېكىستىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيونىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا ئۇ سەي يىڭۋېننى «تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى» دەپ ئاتىغان ھەمدە تەيۋەننى «ئىشەنچلىك ھەمراھ» دېگەن.

«دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 20-مايدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەي يىڭۋېن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئۇسۇلىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تەيۋەن بىر مۇستەقىل دۆلەت. دۆلىتىمىزنىڭ نامى خىتاي جۇمھۇرىيىتى. بۇ رەسمىيلەشكەن دۆلەت نامى بولۇپ، بىز ھەرگىزمۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىمايمىز، بىز پەقەت باراۋەرلىك ئاساسىدا بىللە مەۋجۇت بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەننىڭ رەھبىرىگە ئاشكارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشى ۋە ئۇنى ‹پرېزىدېنت› دەپ ئاتىشىدۇر. روشەنكى، مايك پومپېيو بېيجىڭغا خىرىس قىلماقتا،» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ھەربىي قۇۋۋىتىنىڭ تەيۋەننى بويسۇندۇرۇشقا ھەمدە ئامېرىكانى توختىتىشقا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى پەش قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە ھەققىدە پاي-پېتەك بولۇپ ئۇزۇن باش ماقالە ئېلان قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى «قېتىغىمۇ ئالمايدىغانلىقى» نى پەش قىلغان ھەمدە «كىمنىڭ بەكرەك زىيان تارتىدىغانلىقىنى پات يېقىندا كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان بىر جايدا ئاجايىپ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەقىقىي مەنىدىكى بىرلىك ۋە مەركەزگە بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيۇشۇشچانلىقنىڭ كەملىكىنى تەكىتلىگەن بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېرە تاراقشىتىشتىن باشقىغا زېھىن قويالمايدۇ،» دېيىشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.