د ئۇ ق تەيۋەننىڭ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تەيۋەنگە كىرىش ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقنى ئەيىبلىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كەلگەن بېسىم سەۋەبىدىن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «تەيۋەننى دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەيۋەندىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 18- فېۋرالدىن 21- فېۋرالغىچە تاۋيۇەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا 2006 - يىلى خەلقئارا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەيۋەنگە بارغان، ئەمما ئۇ بۇ نۆۋەت ۋىزا ئالالمىغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئىستانسىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىش-بەرمەسلىك مەسىلىسى تەيۋەن پارلامېنتىدا تالاش-تارتىش قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە :«مەيلى نېمە بولمىسۇن بۇ تەيۋەن دېموكراتىيەسىگە داغ چۈشۈرىدىغان بىر ئەھۋال» دېدى ۋە بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئۇتۇپ چىققان «دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش پارتىيىسى» تەيۋەندە ھاكىمىيەتنى تولۇق قولغا ئالغاندىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت