«تەيۋەن خەۋەرلىرى» گېزىتى: «خىتاي بېسىۋالسا تەيۋەنلىكلەردىنمۇ ‹تېررورلۇق› نى ۋاسىتە قىلىدىغانلار چىقىپ قېلىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-07-26
Share

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» گېزىتى بۈگۈن تەيۋەن خەلقىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدا ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئاياللارنىڭ يوپكىسىنى كېسىش، ئەرلەرنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈۋېتىش قاتارلىق زوراۋان تەدبىرلەرنىڭ ئەگەر تەيۋەن خەلقى ھوشيار بولمىسا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى 10 يىللىق ۋەزىيىتىدىن پاكىتلار كۆرسىتىلگەن خەۋەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئاشكارا ھالدا چىشىنى بىلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈننىڭ ئەتە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىشىنىڭ مۇقەررەر بىر ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۆزىنى خىتاي دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر خەۋەردە ئەگەر بىر كۈنلەر كېلىپ خىتاي تەيۋەننى بېسىۋالسا، تەيۋەندىمۇ خىتايغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ھەرىكەت قىلغۇچىلار ئارىسىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى تاللايدىغان، ھەتتا «تېررورلۇق» ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلارنىڭمۇ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مانا بۇنداق چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» باھانىسى ۋە «سىياسىي تەربىيە» چاقىرىقى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈن بولۇۋاتقان ئىشلارنى دۇنياغا ئەڭ باشتا ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت