سەي يىڭۋېن تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋىتىدە دېموكراتىيە شەرتىنىڭ ۋاز كېچەلمەسلىكىنى تەكىتلىدى
20-ماي كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغان تەيۋەننىڭ بولغۇسى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىدە دېموكراتىيە پرىنسىپىنىڭ يادرولۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-04-27 -
-
-
20-ماي كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئالدىدا تۇرغان تەيۋەننىڭ بولغۇسى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىدە دېموكراتىيە پرىنسىپىنىڭ يادرولۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سەي يىڭۋېن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بۇرۇن بىرقانچە قېتىم تىلغا ئالغىنىمدەك، يېڭى ھۆكۈمەت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ » دېگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ ۋاز كېچىلمەس شەرتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن 8 يىل بىلەن پەرق شۇ بولىدۇكى، مۇناسىۋەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ.»
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سەي يىڭۋېننىڭ بۇ سۆزلىرى كېنىيە دائىرىلىرى تەيۋەنلىك گۇماندارلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن نازۇك بىر ۋەزىيەتتە قىلىنغىنى ئالاھىدە دىققەت تارتقان.