تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئالېكىس خۇاڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي كېلەر ئاي ئەسلى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەي يىڭۋېن بۇ زىيارىتىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشى ۋە ياكى ئامېرىكىدا ئايروپىلان ئالمىشىشى مۇمكىنچىلىكى بولغاچقا، خىتاي بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىكەن. خىتاي تەرەپ بۇنىڭ تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا «خاتا سىگنال» بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى سۆزنى قايتا تەكىتلەپ «سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقىدا ئۇنىڭ ھەقىقىي نىيىتىنىڭ نېمىلىكى ئىزاھات تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.
تەيۋەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئالېكس بۈگۈنكى باياناتىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما تەيۋەندىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى سەي يىڭۋېننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەملىرى بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
دونالد ترامپ 1979-يىلىدىن بۇيان، تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تەبرىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان، ئەمما دونالد ترامپ ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ
«ھېچكىم مېنىڭ كىمنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىمغا ئارىلىشالمايدۇ» دېگەن.