تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى كېلەر يىلى فېۋرالدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، ئۇچرىشىشقا تەيۋەن تەرەپتىن تەيۋەن-چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى مىنىستىرى ۋاڭ يۇچى، خىتاي تەرەپتىن دۆلەت ئىشلار كابىنېتى تەيۋەن ئىشلار ئىشخانىسى مۇدىرى جاڭ جىجۈن قاتارلىقلار قاتنىشىدىكەن. ئەمما، سۆھبەتنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ خىتاي-تەيۋەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي تەرەپكە مايىل سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ھالبۇكى، ما يىڭجيۇنىڭ بۇ خىل سىياسىتى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.