تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-03-28
Share


تەيۋەن دائىرىلىرى پراتاس تاقىم ئاراللىرى، يەنى خىتاي تەرىپىدىن دوڭشا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاراللارغا يېقىن دېڭىزدا بىر دانە خىتاي بېلىقچى پاراخوتىدىكى 41 نەپەر بېلىقچىنى تۇتقۇن قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى پراتاس تاقىم ئاراللىرى رايونىدىكى دېڭىزدىن يېشىل دېڭىز تاشپاقىسى تۇتقانلىقى ۋە مارجان سۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.شۇ سەۋەبتىن تەيۋەن دېڭىز - ئوكيان چارلاش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش ئىدارىسى مەزكۇر پاراخوتنى ۋە پاراخوتتىكى كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن گاۋشوڭغا ئېلىپ كەتكەن.

مەزكۇر خىتاي پۇقرالىرى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

تەيۋەن دېڭىز چارلاش - مۇداپىئە كۆرۈش دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچى پارخوتىدىن 15 توننا مارجان، ھەر تۈرلۈك سەدەپتىن 400 كىلوگرام، يېشىل دېڭىز تاشپاقىسىدىن 3، ۋە باشقا بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرگەن.

تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق بېلىقچى پاراخوتلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ، بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەنۇبىي دېڭىزدىكى پراتاس، يەنى خىتاي تەرىپىدىن دوڭشا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئاراللار خىتاينىڭ خەينەن ئۆلكىسى بىلەن تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبى ئارىسىدا بولۇپ، بۇ ئاراللارغا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ قېتىمقى 41 نەپەر خىتاي بېلىقچىسىنىڭ تەيۋەن ئىگىدارچىلىقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى 1989 - يىلىدىن بۇيان مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن تۈننى چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت