تەيۋەندە دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ «مالىيە قانۇنىي ۋەكىللىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى» يېقىندا ئۆز نامىنى «ياپون-تەيۋەن ھەمكارلىق جەمئىيىتى» گە ئۆزگەتكەنلىكىنى ۋە يېڭى نامنىڭ 2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر نام ئۆزگەرتىشنى«تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىككى جۇڭگو سىگنالى پەيدا قىلىدىغان سەلبىي بىر ئۇرۇنۇش» دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ يەنە، ياپون تەرەپنى بىر جۇڭگو ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشقا، خەلقئاراغا خاتا سىگناللارنى بەرمەسلىككە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى توسالغۇلارنى شەكىللەندۈرمەسلىككە چاقىرغان.
بېيجىڭ بىلەن توكيو ئارىسىدا 1972-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى «مالىيە قانۇنىي ۋەكىللىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نامىدىكى ئورگان بېجىرىپ كېلىۋاتقان. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيەنىڭ مەزكۇر ئورگىنىنىڭ بىر خادىمى بۇ نام ئۆزگەرتىشنىڭ تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىشنى كۈچلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.