بىر تىبەتلىك دۇنيانى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىپ تىبەت دەۋاسى قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.11.30


بىر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ياۋروپا ۋە ئاسىيانى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىپ، شەنبە كۈنى دارامسالادىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش شتابىغا كەلدى.

مەزكۇر رايوندىكى نۇرغۇنلىغان كىشى قوللىرىغا گۈل ۋە تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن رىنپو ياك ئىسىملىكى بۇ تىبەت پائالىيەتچىنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ بۇ يىل مارتتىن باشلاپ ياۋروپادىكى 14 دۆلەتنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىپ، خىتاينىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىملىق سەپىرىدە جەمئىي 8 مىڭ كىلومېتىر يولنى ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈپ تىبەت دەۋاسىنى قىلدى.

رىنپو ياك ئامېرىكىدا ياشايدىغان بولۇپ، 2000- يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىنى ئايلىنىپ تىبەت مەسىلىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.