تىبەتلەر يېڭى دېھلىدا شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.10.14

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. جۈمە كۈنى، ئونلىغان تىبەتلىك شى جىنپىڭ قوناقلىغان يېڭى دېھلىدىكى تاج سارىيى مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ «ئالتۇن كېسەك» دۆلەتلىرىنىڭ 15- ۋە 16‏-ئۆكتەبىر يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ئاھالىسى ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردىكى لاما ئىبادەتخانىلىرىنى چېقىش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. مۇھاجىرەتتىكى تىبەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گەزى تىبەت رايونىدىكى سىدا لاروڭ لاما مەدرىسىسىنى چېقىشنى پىلانلىغان.

ئەمما سىدا لاروڭ لاما مەدرىسىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لاما مەدرىسىسى بولۇپ، دائىرىلەر مەزكۇر ئورۇننى چېقىپ «ئۆزگەرتىش» ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ساقچىلارنىڭ تاج ساراي مېھمانخانىسى ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ باياناتچىسى، «خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ جايدا قانچىلىك ئۇزۇن تۇرسا، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىشنى شۇنچىلىك داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ھىندىستان ئاخباراتىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار شەنبە كۈنى يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى گائۇ رايونىدا داۋاملىق نامايىش قىلىدىكەن. ئەتىكى يىغىن جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان، بىرازىلىيە، خىتاي، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 «ئالتۇن كېسەك» دۆلىتىنىڭ 8‏-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.